فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى

فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى

Partager

فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى

24/09/2025

📣 LE 1er OCTOBRE 2025 – TROCADERO – 17H
✊ LEVONS-NOUS CONTRE LE PCC !
Défendons les droits de l’homme, la liberté et la démocratie 🌍
📅 Rendez-vous :
🗓️ Date : 1er octobre 2025
📍 Lieu : Trocadéro, Paris
🕔 Heure : 17h
Ensemble, faisons entendre nos voix pour le Tibet, Hong Kong, Taïwan, Turkestan oriental, Birmanie, Vietnam et partout où les libertés sont menacées.

05/07/2025
05/04/2025

Commémoration du Massacre de Baren - Avril 1990

Aujourd’hui, nous rendons hommage aux victimes du massacre de Baren, survenu en avril 1990 dans le district d’Akto, au Turkestan Oriental. Ce jour-là, des centaines de civils ouïghours ont été tués lors d’une répression brutale des forces chinoises contre une révolte née du désespoir et de l’injustice.

Ce massacre, longtemps dissimulé par le régime, est l’un des premiers soulèvements contemporains qui exprimaient l’oppression subie par le peuple ouïghour. Trente-cinq ans plus t**d, la mémoire des victimes reste vive. Nous n’oublierons jamais.

L’Association des Ouïghours de France s’associe à la douleur des familles et continue de lutter pour la vérité, la liberté du peuple ouïghour.

26/02/2025

‼️ URGENCE : Selon des sources fiables, la 🇹🇭 Thaïlande s’apprête à déporter 48 Ouïghours vers la 🇨🇳 ce 27 février, les livrant à une mort certaine !

Ing Shinawatra, Thaksin Shinawatra, กระทรวงการต่างประเทศ Ministry of Foreign Affairs of the Kingdom of Thailand Stop sending Uyghurs to death! Ce crime contre l’humanité doit cesser !

Emmanuel Macron Ursula von der Leyen - President of the European Commission - Fanpage Roberta Metsola Türk
UNHCR, the UN Refugee Agency Amnesty International Amnesty International France Intervenez pour empêcher cette violation flagrante des droits humains !

PR Thai Government Royal Thai Embassy, Washington D.C. Royal Thai Embassy - Paris, France - สถานเอกอัครราชทูต ณ กรุงปารีส

‼️ Partagez au maximum pour alerter députés et sénateurs ! Nous devons stopper cette horreur avant qu’il ne soit trop t**d.

Photo source : https://thaivisa.fr/les-ouighours-detenus-depuis-10-ans-en-thailande-ne-veulent-pas-etre-renvoyes-en-chine/

21/02/2025

خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەيمىز

10/12/2024

فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىمنىڭ 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىشتا سۆزلىگەن نۇتقى.

پارىژ باستېل مەيدانى

2024-يىلى 10-دېكابىر

14/11/2024

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» رەئىسى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىمنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىدە قىلغان ئېچىلىش نۇتقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

خانىملار ئەپەندىلەر، قەدىرلىك دوستلار:

بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۈگۈن تارىخىمىزدىكى ئەركىنلىك، ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىلغان قارشىلىقلىرىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان بىر كۈندۇر، 12-نويابىر ھەر بىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن بىر كۈندۇر. چۈنكى 1933-يىلى تۇنجى قېتىم ، 1944-يىلى ئىككىنچى قېتىم قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىرىمىز دەل مۇشۇ كۈندە قۇرۇلغان. بۇ كۈندە بىز خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئىلگىرىكى شانلىق كۈنلىرىمىزنى شەرەپ بىلەن ئەسلەيمىز.

بۈگۈن بىز مۇقەددەس ۋەتىنىمىز ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى ھۆرمەت ئىلكىدە ئەسلەيمىز. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئېچىنىشلىق ھېكايىلەر بىلەن تولغان، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەسرىتى بىر داستان كەبى ئۇزۇن. ئەمما بىز ئازابلانماسلىقىمىز، يىغلىماسلىقىمىز كېرەك، بىز چوقۇم كۈچلۈك بولۇشىمىز، توختىماي قارشىلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك!

ئارىمىزدا بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، بولۇپمۇ شەھەر باشلىقلىرى، ئوخشىمىغان جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن پەخىرلەندىم ۋە ھاياجانلاندىم. سىلەر بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىزدە يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ئىسپاتلىدىڭلار، بىزگە ئۈمىد ئىشەنچ ۋە چەكسىز كۈچ ئاتا قىلدىڭلار.

شۇ پۇرسەتتە ئەزىز مىللىتىمگىمۇ شۇنى خىتاب قىلىمەنكى: ھەرگىز ۋاز كەچمەيلى، قەلبىمىزدىكى ئۈمىدنىڭ يالقۇنى ئۆچۈپ قالمىسۇن، ۋەتىنىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، دەل شۇ مۇھەببەت بىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىزدۇر! شۇ مۇھەببەت بىزنى توختىماي ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شەك شۈبھىسىزكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ھەرگىزمۇ ئۇزاقتىكى ئارمان ئەمەس بەلكى بىز بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان رېئاللىقتۇر!

ئاخىرىدا بۈگۈن بۇ مۇقەددەس كېچىنى بىز بىلەن بىللە ئورتاقلاشقان بارلىق مېھمانلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئىشلىرىمىزنى قوللىغىنىڭىزغا، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىمىزدا بىزنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!

ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان!

ھەممەيلەننىڭ كەچلىكى خەيرلىك بولسۇن.

Photos from ‎فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى‎'s post 13/11/2024
Photos from ‎فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى‎'s post 13/11/2024

2024-يىلى 12-نويابىر(سەيشەنبە) كۈنى پارىژ شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى. پائالىيەت «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پارىژ 18-رايونلۇق شەھەر مەمۇرىيىتى، فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن مەزكۇر رايوننىڭ پائالىيەت زالىدا ئېلىپ بېرىلدى.

پائالىيەتكە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن: پارىژ شەھىرى 20-رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋەكىلى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ سابىق مەسئۇلى، Geneviève GARRIGOS خانىم؛ پارىژ شەھىرى 19-رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى François BÉCHIEAU ئەپەندىم قاتارلىقلار، فىرانسىيەدە تونۇلغان خىتايشۇناس، پىروفېسسور Marie Holzman خانىم، فىرانسىيە «ئازادلىق»گېزىتىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى، يازغۇچى Laurence Defranoux خانىم قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇلاردىن سىرت فىرانسىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ، تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيەدىكى ۋەكىللىرى، تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى پارىژ ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.

پارىژ ۋاقتى 19 بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى تەييارلىغان ھەر خىل تۈردىكى ئۇيغۇرچە تائام، نازۇ نېمەتلەر مېھمانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. كەينىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە فىرانسىيە دۆلەت مارشى بىلەن پائالىيەت رەسمىي تۈردە باشلاندى. «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» رەئىسى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىم سۆزگە چىقىپ بۈگۈنكى كۈننىڭ ئەھمىيىتى، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش جىنايەتلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەردىن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەردى. تەشكىلات ھەيئىتى مەردان مەمەت ئەپەندىم تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخى، ۋەتىنىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، خىتاينىڭ گېئوپۇلىتىكىسىدا تۇتقان مۇھىم ئورنى قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە بەردى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەكلىپلىك تەتقىقاتچىلاردىن Laurence Defranoux خانىم ۋە Marie Holzman قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي لېكسىيە سۆزلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئورۇنلىغان ۋەتىنىمىز باش تېما قىلىنغان سەنئەت نومۇرلىرى مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» مىز نامىدىن مەزكۇر پائالىيىتىمىزگە كۈچ چىقارغان بارلىق ۋەتەنداشلارغا، بولۇپمۇ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ كەلگەن خانىم قىزلىرىمىزغا، ئۆزىنىڭ راۋان فىرانسۇزچىسى بىلەن رىياسەتچىلىك قىلغان، مېھمانلارغا ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئۇلۇغ ئاللاھتىن يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىل ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا زەپەر قۇچۇپ قايتىشىمىزنى تىلەيمىز!

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»

13/11/2024

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىشى ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

2024-يىلى 12 -نويابىر، پارىژ، فىرانسىيە

12/11/2024

12 novembre, date de la fête nationale du Turkestan oriental, pays des Ouïghours occupé par la Chine.

Vous voulez que votre entreprise soit Service Du Gouvernement la plus cotée à Paris ?

Cliquez ici pour réclamer votre Listage Commercial.

Emplacement

Adresse


21 Place De La Republique
Paris
75003