25/05/2026
İşgalci Çin’in İstanbul Başkonsolosunun 22 Mayıs Tarihinde Küçükçekmece Belediyesine Yaptığı Ziyareti Hakkında Basın Açıklaması
İli Meşrep Uygur Eğitim ve Hizmet Vakfı, Uygur Türkleri için eğitim, istihdam ve her türlü sosyal hizmetler sunuyor.
25/05/2026
İşgalci Çin’in İstanbul Başkonsolosunun 22 Mayıs Tarihinde Küçükçekmece Belediyesine Yaptığı Ziyareti Hakkında Basın Açıklaması
25/05/2026
بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق كۈنلىرى بولغان مۇبارەك قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش، قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە،. ھەرقايسى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان ھېيتلىشىش پائالىيىتىمىزگە بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىمىز.
پائالىيەت ۋاقتى: قۇربان ھيىتنىڭ 4 – كۈنى يەنى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شەنبە
سائەت: 14:00
• ئورنى: ئاۋجىلار ساھىلى ئىستانبۇل
(Avcilar, İBB Sosyal Tesisler Metrobüs Durağı)
Avcılar Cemal Kaytaz Parkı İçi Yolu View details about Avcılar Cemal Kaytaz Parkı İçi Yolu in Avcılar Istanbul, Türkiye on Apple Maps. Address, driving directions, images, nearby attractions and more.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار
كۈچۈكچەكمەجە خەلق مائارىپ مۈدۈرلۈكىنىڭ قوللىشى بىلەن ۋەخپىمىزدە بۇندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك كەسپىي (مەسلەك) كۇرسلىرى ئېچىلماقچى. قېرىنداشلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، ھەر بىرىڭلارنىڭ ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلغان كەسىپنىڭ ئىسمىنى بۇ يازمىنىڭ ئاستىغا يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. كۇرسلار پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە يۈزمۇ يۈز بولىدۇ، توردا ئۆتۈلمەيدۇ. 15 كىشى تىزىملاتقاندىن كېيىنلا ئېچىلىدۇ. كۇرس تۈگىگەندە لاياقەتلىك ئوقۇغانلارغا خەلق مائارىپ مۈدۈرلۈكىنىڭ لاياقەت كىنىشكىسى (سەرتىفىكا) تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
ئورنى: ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىسى
ئادرېس: Fevzi Çakmak, Sultan Murat Cd. No:16-C, 34295 Küçükçekmece/İstanbul
تېلېفون: 05055582017
ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى، يەنى 2026- يىلى 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ، ھەر چارشەنبە كەچ سائەت يەتتىدىن ئونغىچە ۋەخپىمىزدە ئېنگلىزچە سۆھبەت (English Corner) ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۆھبەتكە ئامېرىكىلىق ئېنگلىزچە ئوقۇتقۇچىسى توماس نەيسىن (Thomas Nathan) يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئېنگلىزچىنى ئازراق ياكى كۆپرەك ئۆگەنگەن، ئەمما بارغانسېرى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ۋەخپىمىزگە كېلىپ، سۆھبەتكە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سۆھبەتتە ئالدى بىلەن بىر تېما بېكىتىلىدۇ، ئاندىن تېمىغا ئالاقىدار يېڭى سۆزلەر قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاندىن سۆھبەت باشلىنىدۇ. سۆھبەتلەرنىڭ ھاياتىمىزغا يېڭى ھاياجانلارنى ئاتا قىلىشىغا تىلەكداشمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىسى
Önümüzdeki Çarşamba gününden itibaren, yani 13 Mayıs 2026 tarihinden başlayarak, her Çarşamba akşamı saat 19:00 ile 22:00 arasında vakfımızda İngilizce Sohbet (English Corner) etkinliği düzenlenecektir. Sohbetlere Amerikalı İngilizce öğretmeni Thomas Nathan rehberlik edecektir. İngilizceyi az çok öğrenmiş olan ancak zamanla unutmaya başlayan kardeşlerimizin vakfımıza gelerek bu sohbetlere katılmalarını bekliyoruz. Sohbetlerde öncelikle bir konu belirlenecek, ardından konuyla ilgili yeni kelimeler kısaca açıklanacak ve sonrasında karşılıklı konuşma başlayacaktır. Bu sohbetlerin hayatımıza yeni heyecanlar katmasını temenni ediyoruz.
Saygılarımızla,
İli Meşrep Uygur Vakfı
01/05/2026
تۈنۈگۈن كەچ، يەنى 2026- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 17:00 دە ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە خەلق مائارىپ مۈدۈرلۈكىنىڭ مۇدىرى ئۇفۇك بالجى ۋەخپىمىزنى زىيارەت قىلدى. يېرىم سائەتتەك ئولتۇرۇپ، تۈركىيەدىكى مائارىپنىڭ، بىلىم - ھۈنەر ئۆگىنىشنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشەلىرىمىزنى پاراڭلاشتۇق. ئۇفۇك بەي دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مائارىپ جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك دەستەك بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا ئۇلار ئوقۇ - ئوقۇتۇش شارائىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈردى. سىنىپ قىلىشقا بولىدىغان سالونلارنى، تازىلىق ئۆيىنى ۋە جىددىي ئەھۋالدىكى چىقىش يوللىرىنى تەكشۈردى. ئۇفۇك بەي بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى، ئىشىمىزنى بىر شەكىلدە ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئەرلەر ئېنگلىزچە كۇرسىمىز سەيشەنبە كەچ، يەنى 2026- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە باشلاندى. خەۋەر تاپمىغان قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا قوشۇلۇۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. دەرس ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كەچ سائەت سەككىزدىن ئونغىچە داۋام قىلىدۇ.
تەپسىلاتى بۇ يەردە:
https://www.facebook.com/share/p/16evCmYEWp/
ھۆرمەت بىلەن: ئىلى مەشرەپ ۋەخپىسى
08/04/2026
تۈنۈگۈن كەچ، يەنى 2026- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى نامازشامدىن بۇرۇن ئاك پارتىيە تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر باشكانلىقى ئىستانبۇل 3- بۆلگە باشكانى ياسىن دالدال ۋە مەزكۇر باشكانلىقنىڭ كۈچۈكچەكمەجە ئىلچە مەسئۇلى فاتىھ دۆنمەز ۋەخپىمىزگە زىيارەتكە كەلدى. ۋەخپىمىزدىن بىر قىسىم ئەزالار يىغىنغا قاتنىشىپ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى. ئالدىنقى قېتىملىق زىيارەتتە دېيىشكىنىمىز بويىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتىدىغان كۇرسلىرىمىزغا ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە دەرس ئۆتىدىغان مۇئەللىم ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلىق مائارىپ مۈدۈرلۈكىگە راندېۋۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەلىق مائارىپ مۈدۈرلۈكىگە ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىنكى ئىشلارغا فاتىھ دۆنمەز داۋاملىق مەسئۇل بولىدىغان بولدى. تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر باشكانلىقى دائىرىسىدە قىلىنىدىغان ئىشلار ئۈچۈن بىزدىن مەخسۇس بىر خادىم ئاجرىتىش تەلەپ قىلىندى. يىغىندا تۈرك ۋەتەنداشلىقى ئالالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەلگەنلەر بۇنىڭ ئاسانلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئىشلاردا ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۈچۈن ۋاقىت ئاجراتقان ھەممەيلەنگە ۋەخپىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز!
03/04/2026
27/03/2026
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تۈنۈگۈن كەچ، يەنى 2026- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى نامازشامدىن بۇرۇن ئاك پارتىيە كۈچۈكچەكمەجە ئىلچە باشكانى "ئەمىن كائان كايا" ياردەمچىلىرى بىلەن ۋەخپىمىزگە زىيارەتكە كەلدى. زىيارەت ناھايىتى قىزغىن ۋە كۆڭۈللۈك داۋام قىلدى. باشكان "ئەمىن كائان كايا" ئاۋال ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن شەرقىي تۈركىستاندا ۋە مۇھاجىرەتتە بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلارنى سۈرۈشتۈردى. ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. بىزمۇ ۋەخپىمىزنى، خىزمەتلىرىمىزنى تونۇشتۇردۇق ۋە مەسىلىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نەق مەيداندىلا يوليورۇق بەردى. بۇندىن كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن ياردەمچىسى فاتىھ دۆنمەز بىلەن ئارىمىزدا ئالاقە قۇرۇلدى. زىيارەت مىللىتىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بىر زىيارەت بولدى. ئاللاھ ئاخىرىغىچە خەيىرلىك قىپ بەرسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار:
2026- يىللىق روزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ رامىزان ئېيىدا قىلغان ئىبادەتلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن! ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلسۇن!
ھۆرمەت بىلەن: ئىلى مەشرەپ ۋەخپىسى
| Monday | 10:00 - 18:00 |
| Tuesday | 10:00 - 18:00 |
| Wednesday | 10:00 - 18:00 |
| Thursday | 10:00 - 18:00 |
| Friday | 10:00 - 18:00 |
| Saturday | 10:00 - 18:00 |