10/03/2024
ھۆكۈمەتمىز ئىلگىرى بۇنداق سوئاللارغا بىر قانچە قېتىم ئېنىق جاۋاپ بېرىپ بولغان ئىدى. لېكىن، يەنىلا چۈشىنىش ئىقتىدارى كەمچىل ياكى قەستەن چۈشەنمەس بولۇۋالغان شەخسلەر باردەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ بىزنىڭ دوستلىرىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا دۈشمەنلىرىمىز ئۈچۈن بۇ مەسىلىدىكى ئاخىرقى چۈشەندۈرىشىمىز بولىدۇ. بىز بۇ ئىزاھاتنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن تەشكىلاتلار ياكى شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ۋە ئېنىق پەرقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. ھۆكۈمەت دېگەن مۇستەقىل ئورگان، ئۇ ھەرگىزمۇ شىركەت ياكى تەشكىلات ئەمەس. ھۆكۈمەتلەر ئۆز ماھىيىتى بىلەن مۇستەقىلدۇر. ئۇلار «شىركەت» ياكى «تەشكىلات» سۈپىتىدە ئىش قىلمايدۇ. مەيلى ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە ۋە ياكى باشقا ھۆكۈمەتلەر بولسۇن، مەيلى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى، تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر بولسۇن، دۇنيادىكى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئۆزىنى شىركەت ياكى تەشكىلات كەبى مەلۇم بىر دۆلەتتە تىزىمغا ئالدۇرمايدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش شىركەت، كارخانا ، تەشكىلات ۋە ئاممىۋى مۇ'ئەسسەسەلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قانۇنىي جەريان بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ.
2004-يىلى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا ئېنىقلا بۇ سەۋەبتىن تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان، چۈنكى ئۇ بىر ھۆكۈمەت؛ ھەرگىزمۇ شىركەت، تەشكىلات ياكى ئاممىۋى مۇئەسسەسە ئەمەس. ئۇنداق ئىكەن، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى بىرەر دۆلەتتە تىزىملىتىش خاتا بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ مەشرۇئىيىتى ۋە مۇستەقىللىقىغا زىت كېلىدۇ.
2. 2015-يىلى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ ئىئانە قىلغۇچىلارغا «باج كەچۈرۈم قىلىش تالونى» بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىز «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى»نى كانادادا «پايدا ئالمايدىغان ئورگان (non-profit organization)» قىلىپ تىزىملاتقان ئىدۇق. بۇنداق ئادەت ھۆكۈمەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، كانادا ھۆكۈمىتى «كانادا يېڭىلىق يارىتىش فوندى جەمئىيىتى»نى پايدا ئالمايدىغان ئورگان سۈپىتىدە باشقۇرىدۇ؛ ئامېرىكامۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «دۆلەت دېموكراتىيە فوندى (نەد)»نى باشقۇرىدۇ؛ ئوخشاشلا، تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ «تىبەت ئىشخانىسى» دەپ ئاتالغان دىپلوماتىك ئىشخانلىرىمۇ پايدا ئالمايدىغان ئورگان سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان، ئەمما تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئۆزى تىزىملىتىلغان ئەمەس. بۇ ئورۇنلار ئىئانە قىلغۇچىلارغا «باج كەچۈرۈم قىلىش تالونى» بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كونكرېت مەشغۇلات مەقسىتىدە مەۋجۇت، ئەمما ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان ھۆكۈمەتلەر يەنىلا مۇستەقىل بولۇپ، تىزىمغا ئېلىنغان ئەمەس. ئوخشاش پرىنسىپ شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىيە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىغىمۇ ماس كېلىدۇ.
3. بىزنىڭ 2019-يىلى ئامېرىكىدىكى «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى»نى پايدا ئالمايدىغان ئورگان سۈپىتىدە تىزىملىتىشتىكى مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەت ۋە پائالىيىتىنى قوللاپ ئىئانە قىلغۇچىلارنى «باج كەچۈرۈم قىلىش تالونى» بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىدى. نۇرغۇنلىرىڭلارغا ئايان بولغىنىدەك، دۆلىتمىزنىڭ دۈشمەنلىرى، يەنى خىتاي ۋە غالچىلىرى، سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇش مەقسىتىدە ھۆكۈمىتىمىزگە سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە پسىخولوگىيىلىك زەربىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى بۇزۇشقا ئىزچىل ئۇرۇنۇپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئاساسەن مەغلۇپ بولدى ۋە ئىنشائاللاھ داۋاملىق مەغلۇپ بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، 2020-يىلى، خىتاي ئۆز ھىمايىسىدىكى مۇناپىقلارنى، خائىنلارنى ۋە بەزى غالچىلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ۋىرگىنىيە شىتاتىدا «[East Turkistan Government in Exile INC.]» نامىدا «[non-stock corporation]» يەنى پايسىز شىركەت دەپ تىزىملاتتى ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىگە ۋە مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى بەزى مۇناپىق - غالىچىلار دۈشمەن تەرىپىدىن پىلانلانغان بۇ سۇيىقەست بىلەن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى «تەشكىلات» ياكى «شىركەت» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەم ھۆكۈمەتكە، ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىشتى. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتلەر، جۈملىدىن سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتلەر مۇستەقىل ئورۇن بولۇپ تىزىمغا ئېلىنمايدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر مەيلى قانۇنى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى دىپلوماتىك جەھەتتىن بولسۇن، ھېچ مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنى بىرەر دۆلەتتە تىزىمغا ئېلىنغانمۇ دەپ سوراشنىڭ ئۆزىلا نادانلىقنىڭ ئۇچىغا چىققانلىقنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىزگە خىتتايغا خىزمەت قىلىۋاتقان (مەيلى بىلىپ بولسۇن، بىلمەي بولسۇن) مۇناپىق - غالچىلارنىڭ بۇ قانۇنسىز ئۇرۇنۇشىغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.
«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى» شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇنجى تىزىملاتقان ئورگانى بولغاچقا، بىز «[East Turkistan Government in Exile]» دېگەن نامنىڭ قانۇنلۇق بەلگىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بۇ بەلىگىنىڭ / نامنىڭ مەخسۇس قانۇنلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئېنىق رۇخسىتىسىز ھەرقانداق شەخس، تەشكىلات ياكى ئورۇننىڭ «[East Turkistan Government in Exile] يەنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى» نامىنى ئىشلىتىشى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا قانۇن ئالدىدا قانۇنسىز بولىدۇ. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، ئەگەر بىز ئەرز قىلساق، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
بىز شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باشقا ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل ھۆكۈمەت بولۇپ، شىركەت، تەشكىلات ياكى ئاممىۋى مۇئەسسەسە ئەمەس. بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەقىقەتنى ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خاتا تونۇشتىن، قايمۇقتۇرۇشتىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ قىلمىشلار ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ قىلغانلىق ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭىلىپ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
- - - - - - - - - - - -
Our government has previously provided clear answers to such questions several times. However, there are still individuals who either lack the capacity to understand or deliberately choose to misunderstand. Therefore, this will be our final clarification on the matter, both for our friends and our enemies. We hope that this explanation will clarify the stark and clear distinction between governments, organizations, or corporations.
1. A government is an independent entity and is by no means a company or organization. Governments are inherently independent. They do not operate as "companies" or "organizations." Whether it be the United States, Canada, the Netherlands, or any other government, or exile governments like the East Turkistan Government in Exile or the Tibetan Government in Exile, no government in the world registers itself as a company or organization within any specific country. Registration is a legal process designed for corporations, businesses, organizations, NGOs, which is not applicable to governments.
When the East Turkistan Government in Exile was established in 2004, it was deliberately not registered for this reason, because it is a government; it is by no means a company, organization, or non-governmental organization (NGO). Therefore, registering the East Turkistan Government in Exile in any country would not only be incorrect but would also contradict its legitimacy and independence.
2. In 2015, to provide donors supporting the East Turkistan Government in Exile with tax-deductible receipts, we registered the "East Turkistan Government in Exile Diplomatic and Human Rights Office" in Canada as a "non-profit organization." This practice is common among governments. For example, the Canadian government manages the "Canada Innovation Fund" as a non-profit organization; similarly, the United States manages the "National Endowment for Democracy (NED);" likewise, the Tibetan Government in Exile's diplomatic offices, called "Tibetan Offices," are also registered as non-profit organizations, though the Tibetan Government in Exile itself is not registered. These offices exist for concrete operational purposes such as providing tax-deductible receipts to donors, but the governments they represent remain independent and are not registered. The same principle applies to the East Turkistan Government in Exile and its Diplomatic and Human Rights Office.
1. Our purpose in registering the "East Turkistan Government in Exile Diplomatic and Human Rights Office" as a non-profit organization in the United States in 2019 was to provide tax-deductible receipts to donors supporting the activities of the East Turkistan Government in Exile. As many of you are aware, our nation's enemies, namely China and its collaborators, have consistently attempted to infiltrate, sabotage, and disrupt the East Turkistan Government in Exile through subversive actions and psychological operations against our government and people. Nevertheless, they have largely failed, and God willing, they will continue to fail. In any case, in 2020, China employed traitors and collaborators under its influence to register a "non-stock corporation" under the name "East Turkistan Government in Exile INC." in Virginia, attempting to undermine the East Turkistan Government in Exile and our independence struggle.
On September 16, 2020, some traitorous collaborators, under the enemy’s plan, sought to belittle the East Turkistan Government in Exile by classifying it as an "organization" or "company," thus attempting to subvert both the government and cause of East Turkistan’s national independence. As we have previously stated, according to international law, governments, including exile governments, are independent entities and are not subject to registration. Such actions are neither legally nor diplomatically appropriate. Simply asking whether a government is registered in a country is itself evidence of extreme ignorance.
Our allies in the U.S. government have recommended that we take serious measures against this unlawful attempt by traitors and collaborators (who whether knowingly or unknowingly) are serving China's interests.
The "East Turkistan Government in Exile Diplomacy and Human Rights Office," being the first registered entity owned by the East Turkistan Government in Exile in the United States since its establishment on September 14, 2004, has secured the legal trademark of the name "East Turkistan Government in Exile." The East Turkistan Government in Exile Diplomacy and Human Rights Office retains exclusive legal ownership of this name. Any individual, organization, or entity using the name "East Turkistan Government in Exile" without explicit authorization from the East Turkistan Government in Exile Diplomacy and Human Rights Office will be violating U.S. and international law, and if we file a legal complaint, they will be held accountable under both U.S. and international law.
We would like to reiterate that the East Turkistan Government in Exile is an independent government, like other governments, and is not a company, organization, or ngo. We demand that all parties respect this truth and avoid further misunderstandings and misrepresentations going forward.
Any actions aimed at undermining our government will be viewed as deliberate subversion of the East Turkistan Government in Exile and the legitimate struggle to restore the national independence of East Turkistan, and those responsible will be held accountable.